بۇ تېمىدا دىنىمىزنىڭ كۆرسەتمىسى قانداق؟ كىچىك بالىلار ئۈچۈنمۇ پەرز يېشىغىچە چەكلىشىمىز كېرەكمۇ؟

Описание к видео بۇ تېمىدا دىنىمىزنىڭ كۆرسەتمىسى قانداق؟ كىچىك بالىلار ئۈچۈنمۇ پەرز يېشىغىچە چەكلىشىمىز كېرەكمۇ؟

... «بۇ سوئال قارىغۇلارچە ئەگىشىشتىن كېلىپ چىققان بولۇپ، ھەقتائالا بىزنى باش بولۇشقا ياراتقان تۇرۇقلۇق، بىز باشقىلارغا قۇيرۇق بولۇشنى خاھلايمىز، ئاللاھ بىزنى ھۆر ياراتقان تۇرۇقلۇق، بىز غەربنىڭ قۇلى بولۇشنى خاھلايمىز. غەربلىكلەر چوڭلارغىمۇ، بالىلارغىمۇ تۇغۇلغان كۈنى ئۆتكۈزىدۇ. بىز بولساق غەربلىكلەرنى دورايمىز ۋە چوڭ بولغاندىمۇ تۇغۇلغان كۈنى ئۆتكۈزىمىز. سېنىڭ ئۆمرۈڭدىن بىر يىل ئۆتكەن بولسا سەن ئۆزۈڭدىن بۇ بىر يىلنىڭ ھېسابىنى سورىشىڭ كېرەك. شام ياندۇرۇپ تەبرىكلەپ ئولتۇرماي قولدىن بېرىپ قويغان بىر يىل ئۈچۈن قايغۇرۇشۇڭ كېرەك. بالىلار ئۈچۈن ئېيتقاندىمۇ ئۇلارنىڭ ھەر يىلى بۇ خىل ئادەت بويىچە تەبرىكلىشى جائىز ئەمەستۇر. مەن دەيمەنكى، بالىلارغا تۈرلۈك مۇناسىۋەتلەردە تەبرىكلەش زىياپەتلىرى ئورۇنلاشتۇرۇپ بەرسەك بولىدۇ. مەسىلەن، بوۋاق تۇغۇلغاندا، تەبرىكلەپ ئەقىقە قىلىپ بېرىمىز. يەتتە ياشقا كىرگەندە، بۇ ‹ناماز يېشى› دەيمىز ۋە ‹ناماز زىياپىتى› ئۆتكۈزۈپ بېرىپ: بۈگۈندىن تارتىپ ناماز ئوقۇشۇڭ كېرەك، دەيمىز. تورت ياكى ئىچىملىكلەرنى يەپ – ئىچىمىز. مانا بۇ ناماز زىياپىتى. 10 ياشقا قەدەم قويغاندا، ‹تاياق زىياپىتى› ئۆتكۈزۈپ بېرىپ ئۇنىڭغا: ساڭا 3 يىل بۇرۇن ناماز ئوقۇشنى ئۆگىنىشىڭ ئۈچۈن ناماز زىياپىتى بەرگەن، ئەمدى چوڭ بولدۇڭ، ناماز ئوقۇمىساڭ، تاياق يەيسەن، دەيمىز. 15كە كىرگەندە، ناماز پەرز بولۇش يېشىغا يەتكەنلىكى ئۈچۈن زىياپەت ئۆتكۈزۈپ بېرىمىز. بۇ تۈرلۈك مۇناسىۋەتلەردە ئۆتكۈزۈلىدىغان زىياپەتلەر بولۇپ، ھەربىر ياشتا بىر زىياپەت قىلىپ بەرمەيمىز. يەنە باشقا مۇناسىۋەتلەرگە ئۇدۇللاپ زىياپەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ تۇرساق بولىدۇ. مەسىلەن، سىنىپ ئاتلىسا، مۇۋەپپەقىيەتلىك بىر ئىشنى تاماملىسا. قىزلار ئۈچۈنمۇ شۇنداق. يەنە قىزلار ياغلىق ئارتقاندىمۇ تەبرىكلەپ زىياپەت ئۆتكۈزۈپ بەرسەك بولىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى تۈرلۈك مۇناسىۋەتلەر بىلەن بولىدۇ، ئەمما يىلدا بىر قېتىم ئەمەس»

Комментарии

Информация по комментариям в разработке