( ھاياتتىكى ئەڭ قىممەتلىك 7 دەرىس ( ئەڭ يېڭى ئاكتىپ ئېنىرگىيەلىك فىلم

Описание к видео ( ھاياتتىكى ئەڭ قىممەتلىك 7 دەرىس ( ئەڭ يېڭى ئاكتىپ ئېنىرگىيەلىك فىلم

( ھاياتتىكى ئەڭ قىممەتلىك 7 دەرىس ( ئەڭ يېڭى ئاكتىپ ئېنىرگىيەلىك فىلم

ئۇيغۇرچە ئەڭ يېڭى ئاكتىپ ئېنىرگىيەلىك فىلىملەر ۋە
يېڭىچە مەزمۇنلار ھۇزۇرۇڭلاردا

ھايات ئەڭ ئۇلۇغ مۇئەللىم ، ئۇ بىز ئۆگەنگەن توسالغۇلار بىلەن ئۆگىتىدۇ. يولىمىزغا چىققان توسالغۇلارنى يېڭىشنىڭ بىردىن بىر يولى ئۇنىڭ بىلەن يۈزلىشىش. ئەمما بىز ئالدىمىزدىكى خىرىسلارغا ئۆزىمىزنى ھازىرلىيالمىدۇق. ھاياتىمىزنىڭ كۆپ قىسمىنى قىيىنچىلىقلارغا باھانە ئىزدەپلا ئۆتكىزىۋېتىمىز. بەزىلىرىمىز بۇنىڭ بىر خاتا ئىكەنلىكىنى بىلسەكمۇ يەنە نۇرغۇنلىرىمىز بىلمەيمىز. ئەگەر سىز تېخىچە بىر باھانە ئىزدىگۈچى بولسىڭىز ، سىزگە ھاياتىڭىزدا ئۆگىنىشىڭىز كېرەك بولغان ئەڭ قىممەتلىك يەتتە دەرىسنى سۇنىمەن.

1. پۇل ھەممىگە قادىر ئەمەس
ھاياتىمىزدا پۇل بولمىسا بولمايدىغان بىر نەرسە ئەمما پۇل ھەممە نەرسىگە قادىر ئەمەس ، ئادەتتە پۇلنىڭ بىزگە بەرگەن كۈچى ۋە ئەركىنلىك ھىسسىدىن ناھايىتى ھاياجانلىنىمىز. ئەگەر سىز باي بولسىڭىز ، پۇلىڭىزنىڭ كۆپلىكىدىن ھەرقانداق ئىشنى قىلالايدىغانلىقىڭىزنى ئويلايسىز ، لېكىن بۇ ياخشى ۋە ياكى بەخىتلىك تۇرمۇشىقا كاپالەتلىك قىلالمايدۇ .
سىز پۇلىڭىز بىلەن سائەت سېتىۋالالايسىز ئەمما ۋاقىتنى سېتىۋالالمايسىز. دورا سېتىۋالالايسىز ئەمما ساغلاملىقنى سېتىۋالالمايسىز، كىتاپ سېتىۋالالايسىز ئەمما ئەقىل پاراسەتنى سېتىۋالالمايسىز. شۇڭا ھاياتىڭىزنى مۇكەممەل ياشاشقا تېرىشىڭ. ئارزۇلىرىڭىزنى قوغلىشىڭ ۋە ھاياتتىكى ئەڭ ياخشى نەرسىلەرنىڭ ھەقسىز ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالماڭ.

2. بەدىنىڭىزنى ئاسراڭ
بەدىنىڭىز سىزنى مۇۋاپىقىيەتكە يەتكۈزىدىغان بىر ماشىنا ، ئۇ سىزنىڭ ياخشى قارىشىڭىزغا ئېھتىياجلىق، داۋاملىق چېنىقىش ، ساغلام ئوزۇقلىنىش سىزنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئېنىرگىيەگە ۋە ھاياتى كۈچكە ئىگە بولۇشىڭىزغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. چېنىقىش ئۆزىنى كۆرسىتىش ئەمەس بەلكى بەدىنىڭىزنىڭ نىمىلەرنى قىلالايدىغانلىقىنى بىلىپ يېتىش.

3. مەغلۇپ بولۇش ياخشى ئىش
مەغلۇبىيەت ، جاپالىق بولغان ھەرقانداق چوڭ ئىشنى قىلىشتىن بۇرۇنقى تەجرىبە. بۇنداق دېسەم قوبۇل قىلالماسلىقىڭىز مۇمكىن ئەمما مۇۋاپىقىيەت قازانغىنىڭىزدا بۇنىڭ ناھايىتى توغرا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىسىز. ئەمەلىيەتتە مەغلۇبىيەت مۇۋاپىقىيەت قازىنىشنىڭ ئەڭ تىز يولى. بۇ يولدا مەغلۇبىيەت سىزنى تېخىمۇ كۈچلۈك ، تېخىمۇ جەسۇر قىلىدۇ.

4. ئىچىڭىزدىكى ( مەن ) گە قۇلاق سېلىڭ
قىيىن ئەھۋالغا دۇچ كەلگەن ۋاقتىڭىزدا قارار بېرىشتىن بۇرۇن تۇيغۇڭىزغا ئىشىنىڭ، باشقىلارنىڭ سىزگە بەرگەن تەكلىپلىرىگە ياخشى قۇلاق سېلىڭ، ئاخىرىدا تۇيغىڭىز ۋە روھىڭىز سىزگە ئەڭ ئىشەنچىلىك جاۋاپنى بېرىدۇ.

5. ئۆزىڭىز بولۇڭ
ھاياتتا ھەممە ئىشنى ھازىرنىڭ ئۆزىدە قىلمىسىڭىز بولمايدىغاندەك ھېس قىلىۋالماڭ. چەكلىك ۋاقىت ئىچىدە بىز ھەممە ئىشنى دەرھال قىلالمايمىز. شۇڭا زىھنىڭىزنى مەركەزلەشتۈرۈڭ. بىرلا ئىشنى شۇ ۋاقىتنىڭ ئىچىدە ئۆگىنىۋېلىڭ . كېيىنكى ئىشلارغا ئالدىراپ كەتمەڭ. ئۇنۇتماڭ . ئەڭ كۈچلۈك قۇرۇلمىلار مۇستەھكەم ئاساستىن باشلىنىدۇ.

6. كۆز قارىشىڭىزنى ئۆزگەرتىڭ
ھاياتتىكى ھەممە نەرسە سىز ئۈچۈن بەكلا مۇھىمدەك كۆرىنىدۇ. ئېرىشەلمىگەن خىزمىتىڭىز. باشقىلار بىلەن بولغان تالاش تارتىشلار، تېلىفۇنىڭىزغا قاچىلىۋالغان ھەرخىل پروگراممىلار، بۇلارنىڭ ھەممىسى سىز ئۆزىڭىز مۇھىم ئورۇنغا قويىۋالغانلىقىڭىز ئۈچۈن سىزگە قىلمىسىڭىز بولمايدىغان مۇھىم ئىشلاردەك بىلىنىدۇ. ھاياتىڭىزدا نىمىنىڭ مۇھىم نىمىنىڭ مۇھىم ئەمەس ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن ۋاقتىڭىزدا ئاندىن تېخىمۇ مەنىلىك ياشىيالايسىز.

7. ھەممە ئادەمنى خۇش قىلالمايسىز
ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇشنى ئارزۇ قىلىش ئىنساننىڭ تەبىئىتىدە بار. ھاياتىڭىز باشقىلارنىڭ دەلىللىشىگە مۇھتاج بولۇپ قالماسلىقى كېرەك. سىزمۇ ھەممەيلەننىڭ سىز بىلەن ئوخشاش پىكىردە بولمايدىغانلىقىنى بىلىشىڭىز لازىم. ھەممە ئادەم سىزنى ياقتۇرمىسىمۇ ، ھەممەيلەن سىزنى ھۆرمەتلىمىسىمۇ ، شۇنى ئېسىڭىزدە تۇتۇڭ ئەڭ مۇھىم بولغىنى سىزنىڭ ئۆزىڭىزگە بولغان ھۆرمىتىڭىز ، باشقىلارنىڭ سىزگە پاسسىپ مۇئامىلە قىلىشىغا يول قويماڭ. بولمىسا ھەمىشە ئۇلارنىڭ كەينىدە ماڭىسىز. سىز ھەرگىزمۇ ھەممە ئادەمنى خۇش قىلالمايسىز . شۇڭا قەلبىڭىزگە ئەگىشىڭ ، ھەر بىر كۈنىڭىزنى خۇشال ياشاڭ، ئۆزىڭىزدىن پەخىرلىنىڭ.

#life
#7ders
#uyghur

Music : https://www.storyblocks.com/audio/sea...

Комментарии

Информация по комментариям в разработке