نامازدىن كېيىن قىرائەت قىلىش ، جامائەت بولۇپ زىكىر ۋە دۇئا قىلىش

Описание к видео نامازدىن كېيىن قىرائەت قىلىش ، جامائەت بولۇپ زىكىر ۋە دۇئا قىلىش

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، بەزىلەر: «جۈمە ۋە بەش ۋاقىت نامازدىن كېيىن تارقىلىپ كەتمەي، بىر كىشىنىڭ ئۈنلۈك قىرائەت قىلىشى ۋە باشقىلارنىڭ ئۇنى ئاڭلىشى، ئىمامنىڭ ياكى باشقا بىرىنىڭ باشچىلىقىدا جامائەت بولۇپ زىكىر («سۇبھانەللاھ»، «ئەلھەمدۇلىللاھ»، «ئاللاھۇ ئەكبەر») ۋە دۇئا قىلىشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بىدئەتتۇر، خۇراپاتتۇر» دەپ پەتۋا بېرىپتۇ. بۇ ئىشلارغا ئىسلام دىنى قانداق قارايدۇ؟ دەلىللىرىچۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
نامازنىڭ ئالدىدا ياكى كەينىدە قىرائەت قىلىش، جامائەت بولۇپ ئىمامنىڭ يېتەكچىلىكىدە زىكىر، تەسبىھ ئوقۇش ۋە دۇئا قىلىش قاتارلىق ئىشلار باشقىلارغا ۋاراڭ – چۇرۇڭ قىلغانلىق جەھەتتىن زىيىنى بولمىسا، مۇستەھەب ئىشلاردۇر. بۇلارنىڭ پايدىلىرى كۆپ. مەسىلەن، بىلمىگەنلەر ئۆگىنىۋالىدۇ، يادىدا يوقلار ئەسلەيدۇ.
دەلىللەرگە كەلسەك، قىرائەت قىلىشنىڭ ئۆزى، ئادەتتە، ئىسلام يولغا قويغان مۇستەھەب ئىش، بۇنى قاچان قىلسا بولىدۇ، نامازنىڭ ئالدى – كەينىدە قىلسىمۇ بولىدۇ، چۈنكى بۇ چەكلەنمىگەن. نامازنىڭ كەينىدە قىرائەت قىلىش جامائەتكە قۇرئان تىلاۋەت قىلىپ بېرىدىغان، ئۇلارغا ئۆگىتىدىغان پۇرسەتلەردىن بىرىدۇر.
دۇئاغا كەلسەك، نامازدىن كېيىنكى ۋاقىت ھەدىستە كەلگىنىدەك دۇئا ئىجابەت قىلىنىدىغان پەيتلەرنىڭ بىرىدۇر. شەرىئەت بۇ ۋاقىتتا دۇئا قىلىشقا تەرغىب قىلغان. ئەبۇ ئۇمامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى، رەسۇلۇللاھدىن: ئى رەسۇلۇللاھ! قايسى دۇئا ئىجابەت قىلىنىشقا ئەڭ يېقىن؟ دەپ سورالغىنىدا، «كېچىنىڭ ئاخىرقى ئۈچتىن بىرىدىكى ۋە پەرز نامازلارنىڭ كەينىدىكى» دەپ جاۋاب بەرگەن.(1)
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ پەرز نامازلاردىن كېيىن دۇئا قىلغان بولۇپ، بۇ، پەرز نامازلاردىن كېيىن دۇئا قىلىشنىڭ سۈننەتلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئەلبەتتە، ئىمام بولغان كىشى بۇ سۈننەتنى تاشلاپ قويسا بولمايدۇ.
ئەمر ئىبنى مەيمۇن ئېيتىدۇ: سەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بالىلىرىغا تۆۋەندىكى كەلىمەلەرنى مۇئەللىم كىچىك بالىلارغا خەت يېزىشنى ئۆگەتكەندەك ئۆگىتىپ: رەسۇلۇللاھ ھەر نامازدىن كېيىن بۇ كەلىمەلەر بىلەن پاناھلىق تىلەيتتى دەيتتى: «ئى ئاللاھ! قورقۇنچاقلىقتىن پاناھلىق تىلەيمەن، بەك قېرىپ كېتىىشىمدىن پاناھلىق تىلەيمەن. دۇنيانىڭ فىتنەسىدىن پاناھلىق تىلەيمەن. گۆر ئازابىدىن پاناھلىق تىلەيمەن».(2)
سەۋبان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نامىزىدىن سالام بەرگەندىن كېيىن ئۈچ قېتىم «ئەستەغفىرۇللاھ» دەپ مەغپىرەت تىلەيتتى ۋە: «اللهم أنت السَّلَامُ وَمِنْكَ السَّلَامُ تَبَارَكْتَ يا ذَا الْجَلَالِ وَالْإِكْرَامِ» دەيتتى.(3)
ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن كەلگەن بىر رىۋايەتتە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نامازنى تاماملاپ سالام بەرگەندىن كېيىن: «اللهم اغْفِرْ لي ما قَدَّمْتُ وما أَخَّرْتُ وما أَسْرَرْتُ وما أَعْلَنْتُ وما أَسْرَفْتُ وما أنت أَعْلَمُ بِهِ مِنِّي أنت الْمُقَدِّمُ وَأَنْتَ الْمُؤَخِّرُ لَا إِلَهَ إلا أنت» دەپ دۇئا قىلاتتى.(4)
بەراﺋ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئېيتىدۇ: بىز رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئارقىدا ناماز ئوقۇغىنىمىزدا بىزگە يۈزلىنىپ ئولتۇرىدىغانلىقىنى كۆزلەپ، ئۇ زاتنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئولتۇرۇشنى ياقتۇراتتۇق. بەراﺋ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يەنە ئېيتىدۇ: شۇنداق قىلىپ مەن رەسۇلۇللاھنىڭ: «رَبِّ قِنِي عَذَابَكَ يوم تَبْعَثُ عِبَادَكَ (ئى رەببىم! بەندىلىرىڭنى قايتا تىرىلدۈرىدىغان كۈنى مېنى ئازابىڭدىن ساقلىغايسەن)» دەپ دۇئا قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىم.(5) بۇلارمۇ ئەلبەتتە، پەرز نامازدىن كېيىن ئىمامنىڭ قىلغان دۇئاسىدۇر. بۇ دۇئالارنى ساھابەلەرنىڭ ئاڭلىغانلىقى، بۇ دۇئالارنىڭ ئۈنلۈك قىلىنغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
مۇغىرە ئىبنى شۇئبە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ ﮪﻪﺭﺑﯩﺮ ﭘﻪﺭﺯ ﻧﺎﻣﺎﺯﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﺪﺍ: «لاَ إِلَهَ إِلاَّ اللهُ وَحْدَهُ لاَ شَرِيكَ لَهُ، لَهُ الْمُلْكُ، وَلَهُ الْحَمْدُ، وَهُوَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ، اللَّهُمَّ لاَ مَانِعَ لِمَا أَعْطَيْتَ، وَلاَ مُعْطِيَ لِمَا مَنَعْتَ، وَلاَ يَنْفَعُ ذَا الْجَدِّ مِنْكَ الْجَدُّ (ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻟﻼﮪﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ھېچ ﺋﯩﻼﮪ ﻳﻮﻕ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺷﯧﺮﯨﻜﻰ ﻳﻮﻕ، ﺑﺎﺭﭼﻪ ﻣﻪﺧﻠﯘﻗﺎﺕ ﺋﺎﻟﻼﮪﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﻜﯩﺪﻩ، ﺟﯩﻤﻰ ﻣﻪﺩﮪﯩﻴﻪ ﺋﺎﻟﻼﮪﻘﺎ ﻣﻪﻧﺴﯘﭖ، ﺋﺎﻟﻼﮪ ھەممىگە ﻗﺎﺩﯨﺮﺩﯗﺭ، ﺋﻰ ﺋﺎﻟﻼﮪ! ﺳﻪﻥ ﺑﻪﺭﮔﻪننى ﺗﻮﺳﻘﯘﭼﻰ ﻳﻮﻗﺘﯘﺭ، ﺳﻪﻥ ﺑﻪﺭﻣﯩﮕﻪننى ﺑﻪﺭﮔﯜﭼﻰ ﻳﻮﻗﺘﯘﺭ، ﺳﯧﻨﯩﯔ تائىتىڭنىڭ ئورنىغا ﺑﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻰ ﺋﻪﺳﻘﺎﺗﻤﺎﻳﺪﯗ)» ﺩﻩﻳﺘﺘﻰ.(6) بۇ تۈرلۈك زىكىرلەرمۇ مەزمۇن جەھەتتىن دۇئادىن ئىبارەتتۇر.
ئۇنداق بولغان ئىكەن، ئىمام ۋە جامائەتنىڭ يالغۇز دۇئا قىلىشىنىڭ سۈننەتلىكىدە گەپ يوق. بۇ يەردە پەقەت «پەرز نامازلاردىن كېيىن ئىمام ياكى مۇئەززىن دۇئا قىلسا، باشقىلار ئامىن دېسە بىدئەت بولامدۇ» دېگەن مەسىلىدە قاراش ئوخشاشماسلىق بولغان. شەرىئەتتە بىر كىشى دۇئا قىلسا، باشقىلار «ئامىن» دېسە بولمايدۇ دەيدىغان چەكلىمە يوق.


سوئاللار تۆۋەندىكى نومۇرغا ياكى ئىلخەتكە ياكى توپلاردىن بىرىگە يوللانسا بولىدۇ:
ئېلخەت: [email protected]
ۋاتسئاپ:
00905511745625
https://chat.whatsapp.com/JHGXHR8F8Zc...


https://chat.whatsapp.com/Iu3jcXBTH2D...


https://chat.whatsapp.com/IIS1mKtrIok...


https://chat.whatsapp.com/3ZdsGZEgdd5...


تېلېگرام قانىلى:
https://t.me/EastTurkistans
جاۋابلار ساجىيە ئىسلام بىلىملىرى توربېتى https://sajiya.biz/ دە ئېلان قىلىنىدۇ.
ھ. 1443 / م. 2022


ھ.1443 / م.2022 رامازاندا سورالغان سوئاللارغا جاۋاب
https://sajiya.biz/?p=8475&uls=uu

Комментарии

Информация по комментариям в разработке