ئالدىدا - ALDIDA uyghur song

Описание к видео ئالدىدا - ALDIDA uyghur song

ئالدىدا

ۋەسلىدىن ئ‍ۆزگە كېرەكمەس ماڭا جانان ئالدىدا،
ئارزۇيۇم سەن ئېرۇرسەن تەن بىلەن جان ئالدىدا.
بىر گۈلى رەنا ئېرۇرسەن باغۇ بوستان ئالدىدا،
تا زىيارەت قىلمىسام مەن سېنى ئىمكان ئالدىدا.
يۈزلىرىم شەرمەندە بولسۇن تاڭلا سۇبھان ئالدىدا،

دۇنياغا تەڭ ئەيلىمەيمەن تاغلىرىڭنىڭ تاشىنى ،
سېنى دەپ تاشقا قوشارمەن دۈشمىنىمنىڭ باشىنى .
سەن ئۈچۈن دەريا ئېقىتسام شۇم رەقىپلەر ياشىنى ،
مۇمكىن بولغايمۇ كۆرۈشكە ئايغا ئوخشاش قاشىنى .
قارا بەختىم ئاق بولاردى شۇندا رەھمان ئالدىدا ،

ۋادەرىخا قايسى كۈندۇر شۇم رەقىپ باستى ئاياق ،
سەن كەبى ھۆر نازىنىنلەر ئۈستىگە سالدى تاياق .
مەن قۇچاغىڭدا تۇرۇپ تارتتىم ئەجەپ دەردۇ پىراق ،
نېمىتىڭ لەززەتلىرىدىن ئايرىلىپ قالدىم يىراق .
بوينى باغلانغان مۈشۈكتەك ساڭدى چاشقان ئالدىدا ،

مەن بارۇرمەن ئەي نىگارىم سەن ئۈمۈتنى ئۈزمىگىن ،
دۈشمىنىڭنى ئۇر پەقەت ئەركىنگىنە يۈرگۈزمىگىن .
ئالدىنىپ دۈشمەن بىلەن سەن ئەيشى ئىشرەت تۈزمىگىن ،
شۇم رەقىپكە باغلىرىمنىڭ مېۋىسىن ئۈزگۈزمىگىن .
پات يېقىندا تېپىشارمىز گۈل گۈلىستان ئالدىدا ،

ئەر ئەمەسمەن دۈشمىنىڭنىڭ قانىنى ئاققۇزمىسام ،
خائىنلارنىڭ ئەيىۋىنى كۆكسىگە تاققۇزمىسام .
ئوت زەھەرلىك نەشتىرىگە ئۆزىنى چاققۇزمىسام،
ئەللەي ئ‍ېتىپ يەر بۆشۈكتە ھەممىسىن ياتقۇزمىسام .
شۇندا مەرد نامىنى ئالغۇم شاھىمەردان ئ‍الدىدا ،

مەيلى مەن بارغۇنچە يىرتقۇچلۇق بىلەن خەلقىمنى ئات ،
مەيلى مەھبۇب باشىدا قانلىق قىلىچىڭ پارقىرات .
مەيلى ۋەھشىلىك بىلەن ئادەمچىلىك ئاڭنى يوقات ،
ئىنتىقام ئالغۇم سېنىڭدىن تا جېنىم تەندە ھايات .
ھېچقاچان ئادەم يېڭىلمەس ۋەھشى ھايۋان ئالدىدا ،

نىمشېھىت ئەرمىيا ئېلى سايرامى

Комментарии

Информация по комментариям в разработке