22/6/2023 خىتاي ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى كىنو ۋاسىتىسى بىلەن يوشۇرۇشقا ئۇرۇندى

Описание к видео 22/6/2023 خىتاي ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى كىنو ۋاسىتىسى بىلەن يوشۇرۇشقا ئۇرۇندى

كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر


ئۇيغۇرلارنىڭ ب د ت غا جازا لاگېرلىرىدىكى تۇغقانلىرى ھەققىدە سۇنغان ئەرزى قىسمەن نەتىجىلەندى
تۈركىيىدە ياشايدىغان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان لاگېر قۇربانلىرى مۇنبىرى ئۆتكەن يىلى ب د ت غا شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي جازا لاگېرلىرىغا قامالغان تۇغقانلىرى ھەققىدە ئەرز سۇنغان ئىدى. نۆۋەتتە بۇ ئەرز قىسمەن نەتىجىلەنگەن بولۇپ، تۈنۈگۈن زەيىنبۇرنۇدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا لاگىر قۇربانلىرى يېقىنلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئادۋوكاتى گۈلدەن سۆنمەز خانىم بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى. ئىگىلىنىشىچە، ب د ت نىڭ خالىغانچە تۇتۇپ تۇرۇشقا قارشى تۇرۇش خىزمەت گۇرۇپپىسى 16-ئىيۇن خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئۈچ كىشى ھەققىدە قويۇپ بېرىلىشى كېرەك دەپ ھۆكۈم چىقارغان. گۈلدەن سۆنمەز خانىم زەيتىنبۇرنۇ كازلىچاشمە مەدەنىيەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئىلان قىلىش يىغىنىدا ب د ت قارارىنىڭ مەزمۇنى ۋە ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالدى.

خىتاي ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى كىنو ۋاسىتىسى بىلەن يوشۇرۇشقا ئۇرۇندى
شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئۇسسۇلغا سېلىپ، خۇشال-خۇرام كۆرسىتىش ئارقىلىق پەردازلاشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەن خىتاي رېجىمى يېقىندا يەنە ئۇيغۇر بالىلار رول ئالغان «توپ كىرگۈزەيلى بالىلار» ناملىق كىنو ئارقىلىق يوشۇرۇشقا ئۇرۇندى. خىتاي خەلق تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئۇيغۇر بالىلار بىلەن فىرانسىيەلىك پۇتبول چولپىنى ئېرىك كانتونا باش رول ئالغان «توپ كىرگۈزەيلى بالىلار» ناملىق كىنونىڭ قويۇلۇش مۇراسىمى 11-ئىيۇن شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلگەن. خىتاي رېجىمى ئالدامچىلىقنى تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقىرىش ئۈچۈن، كىنو كۆرۈش پائالىيىتىگە شەرقىي تۈركىستانلىق ئۆسمۈرلەرنىمۇ قاتناشتۇرغان. «توپ كىرگۈزەيلى بالىلار» ناملىق كىنوغا فىرانسىيەلىك رېژىسسور ستېۋ ۋېيز رېژىسسورلۇق قىلغان بولۇپ، فىرانسىيە كوماندىسىنىڭ سابىق داڭلىق چولپىنى ئېرىك كانتونا، چۈ جىڭجىڭ، ھۇشيار ئەكبەر، چېن بەيشياڭ قاتارلىقلار باش رول ئالغان، جياڭ ۋېنلى، مىلۇتىنوۋىچ قاتارلىقلار ئالاھىدە رول ئالغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە بۇ ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى دۇنياغا داڭلىق پۇتبولچى ئېرىك كانتونانىڭ خىتاينىڭ تەشۋىقاتىغا، ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يوشۇرۇش ئۇرۇنۇشلىرىغا ماسلىشىپ رول ئېلىشى دىققەت قوزغىماقتا.

ۋولكىسۋاگېن مۇستەقىل ئىقتىسادىي مۇپەتتىشلەرگە شەرقىي تۈركىستاندىكى زاۋۇتىنى ئاچىدۇ
گېرمانىيە ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش شىركىتى ۋولكىسۋاگېن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى سەۋەبىدىن ئەيىبلەنگەنلىكى ئۈچۈن، بۇ رايوندىكى زاۋۇتىنى مۇستەقىل مۇپەتتىشلەرنىڭ تەكشۈرۈشىگە ئاچىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. مەزكۇر گورۇھىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئولىۋېر بىلۇم ئۆزلىرىنىڭ ئوچۇق ۋە مۇستەقىل تاشقى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى، ھەمدە ئۇلارنىڭ خىتاي شېرىكلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. ۋولكىسۋاگېننىڭ ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتى 2013-يىلى ئېچىلغان بولۇپ، رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى سەۋەبلىك تەنقىدكە ئۇچراپ كەلمەكتە. گېرمانىيە شىركىتى بولسا زاۋۇتنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قاتناشقانلىقىنى رەت قىلىپ، تىجارىتىنى توختىتىشنى رەت قىلدى.

خىتاي بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى يادرو كېلىشىمى
پاكىستان باش مىنىستىرى شاھباز شەرىف خىتاي بىلەن 4 مىليارد 800 مىليون دوللارلىق يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسى كېلىشىمى ئىمزالىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋرىگە قارىغاندا، پاكىستان باش مىنىستىرى شەرىف خىتاي يادرو ئېنېرگىيە شىركىتى «خىتاي دۆلەتلىك يادرو ھەمكارلىقى» بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان تۈرگە قارىتا، «Chasma 5» تۈرى دەرھال باشلىنىدۇ، خىتاي پاكىستاننىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك ئىتتىپاقدىشى بولىدۇ» دېگەن.

خىتايدىكى بىر رېستوراندا پارتلاش يۈز بېرىپ نۇرغۇن ئادەم ئۆلگەن
تۈنۈگۈن كەچتە خىتاينىڭ غەربىي شىمالىدىكى نىڭشيا رايونىنىڭ مەركىزى يىنچۈەندىكى بىر ئاشخانىدا يۈز بەرگەن گاز پارتىلاش نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان. دۆلەت كونتروللۇقىدىكى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 31 ئادەم قازا قىلغان بۇ پارتىلاش رېستوراندىكى سۇيۇقلاندۇرۇلغان نېفىت باكىنىڭ ئېقىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىققان. ئىگىلىنىشىچە، بۇ پارتلاش خىتايدىكى ئۈچ كۈنلۈك دەم ئېلىش سەۋەبىدىن رېستوران بېسىق بىر ۋاقىتتا يۈز بەرگەن. يەنە بىر تەرەپتىن، فرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژنىڭ 5-رايونىدىكى بىر بىنادا يۈز بەرگەن پارتلاشتا يارىلانغانلارنىڭ سانى 37 گە يەتتى.

قازاقىستان: ئاستانە يىغىنلىرىغا ئەمدى ساھىپخانلىق قىلمايمىز
قازاقىستان سۈرىيەدە داۋاملىشىۋاتقان ئىچكى ئۇرۇشتا ئۇرۇش توختىتىش ۋە تىنچلىق مۇساپىسىنى شەكىللەندۈرۈش نامىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئاستانە يىغىنلىرىغا ئەمدى ساھىپخانلىق قىلمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. سۈرىيەدىكى ئۇرۇش توختىتىش ۋە تىنچلىق مۇساپىسىنى شەكىللەندۈرۈشنى مەقسەت قىلىپ، تۈركىيە ۋە روسىيە قوزغىغان ئاستانە ئۇچرىشىشلىرى ئەمدى يېڭى ساھىپخان ئىزدىمەكتە. 2017-يىلى تۈركىيە ۋە روسىيە قوزغىغان بۇ سۆھبەتكە دەسلەپتە ئىران ئارقىدىن سۈرىيە ۋەكىللىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن تۆت تەرەپلىك سۆھبەت شەكلىدە داۋاملىشىۋاتقان ئىدى.


#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur

Комментарии

Информация по комментариям в разработке