سەلىمپاشا ئۇيغۇر مەھەللىسى ئۆيلىرىگە تىزىملاش باشلاندى!

Описание к видео سەلىمپاشا ئۇيغۇر مەھەللىسى ئۆيلىرىگە تىزىملاش باشلاندى!

تىزىملاش توردىن بولىدىغان بولۇپ، ئاستىدىكى ئۇلىنىشنى بېسىپ، ماتىرىيال توشقۇزسىڭىز بولىدۇ.
https://docs.google.com/forms/d/e/1FA...
ئۇيغۇر ئىلىم مەرىپەت ۋەقفى بىلەن كانادادىكى
خەيىر- ساخاۋەت ئورگىنى ICNA Relief Canada ھەمكارلىقىدا روياپقا چىققان، ئۇيغۇر
دىئاسپوراسىدىكى ئۇيغۇرلارغا ئائىت ، 1+2 قۇرۇلمىسدىكى ئۆلچەملىك 64
يۈرۈش ئەرزان ئىجارىلىق ئولتۇراق رايونىغا دەسلەپكى قەدەمدە تىزىملاش باشلاندى.

ئىلتىماس قىلىش شەرتى
1. ھالقىلىق ياردەم ئوبىكتى:
ـ ئاياللار باشچىلىقىدىكى ئائىلىلەر؛
ـ ئىھتىياج ساھىبى ئائىلىلەر؛
2.سالاھىيتى: ئىقامەت ياكى كىملىك بولىشى كىرەك.
3.كېپىل: ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئەھۋالى ۋە ئۆي ئىلتىماس قىلەش شەرتىگە ئۇيغۇن كىلىدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئاز دىگەندە 2 كىشى كېپىل بولىشى كىرەك.
ئىلتىماس قىلىش جەريانى :
1. ئىلتىماس قىلىش باسقۇچى: مۇناسىۋەتلىك ئۇلىنىشلاردىن جەدۋەل تولدۇرۇلىدۇ.
كىرەكلىك ماتېرياللار: ئۆلچەملىك رەسىم، كىملىك ياكى ئىقامەت، Adli Sicil bBelgesi، ئۇنىۋان ياكى خىزمەت تەجىرىبىسىنى كۆرسىتىپ بىرىدىغان بەلگىلەر ( مەجبۇرى ئەمەس) .
2.مۇلاقەت قىلىش باسقۇچى: تىزىملاتقان ئائىللىلەر بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا يۈز تۇرانە ياكى توردىن مۇلاقەت قىلىنىدۇ.
3.تەكشۈرۈپ بىكىتىش باسقۇچى: ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ ئەمەلى ئەھۋالى، كىرىم سەۋىيىسى ، ئائىلە جان سانى ۋە باشقا ئۆلچەملەرنى كۆزدە تۇتۇپ ، مۇناسىۋەتلىك شەخىس ۋە ئورگانلار بىلەن ھەمكارلىشىپ تەكشۈرۈش ئىلىپ بىرىلىدۇ ۋە ئۇيغۇر ئىلىم مەرىپەت ۋەقفى تەرىپىدىن بىكىىتپ قارار قىلىنىدۇ.

4.نەتىجە ئىلان قىلىش باسقۇچى: تۇرالغۇ ھوقۇقى بار كىشىلەرگە ئۇقتۇرۇش قىلىنىدۇ.

ئىلتىماس باشلىنىش قىلىش ۋاقتى: 2024-11-8

ئىلتىماس ئاخىرلىشىش ۋاقتى: 2024-11-22.

ئەسكەرتىش:

_ شەرتكە
ئۇيغۇن بولغان يالغۇز ئايال ۋە ئەرلەر 3-4 كىشى بىر ئۆيگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.

دىنىي ۋە مىللى بۇرچ روھى كۈچلۈك، ئۇيغۇرلارغا ئەمەلى خىزمەت قىلىپ بىرەلەيدىغان

1. ئالدىن تىزىملاتقانلار؛

2.ئوقۇش سەۋىيەسى يۇقىرى بولغانلار؛

3.خىزمەت تەجىرىبىسى بارلار ؛

ئالدىن ئويلىشىلىدۇ.

Комментарии

Информация по комментариям в разработке