ئاخىرەتتە تەن قايتا تىرىلدۈرۈلمەمدۇ؟

Описание к видео ئاخىرەتتە تەن قايتا تىرىلدۈرۈلمەمدۇ؟

يېقىنقى زامان ھىندىستان ئۆلىمالىرىدىن ئۇستاز ۋەھىدۇددىن خان (ھ. 1343 – 1442 / م. 1925 – 2021) بۇ ھەقتە: «ھايات بىر قېتىم يۈز بەرگەن تۇرسا، ئىككىنچى قېتىم ئەينەن تەكرارلىنىشى نېمە ئۈچۈن مۇمكىن بولمىغۇدەك؟ بىز بۈگۈن ياشاۋاتقان بۇ تەجرىبە ئىككىنچى قېتىم يۈز بېرىشى قانداقسىگە مۇھال بولغۇدەك؟ لوگىكا ۋە ئىنسان ئەقلىگە نىسبەتەن ھازىرقى پەيتتە بىر ھادىسەنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى تەن ئېلىپ تۇرۇپ، كېلەچەكتە يۈز بېرىشىنى ئىنكار قىلىشتىنمۇ ئېغىر دۈشمەنلىك بولماس» دەيدۇ(9).

دەرۋەقە، بار بولغاندىن كېيىن چىرىگەن ياكى ھايات بولغاندىن كېيىن ئۆلگەن ۋە پارچىلارغا بۆلۈنۈپ كەتكەن نەرسىنىڭ قايتا ئەسلىگە كېلىشى مۇمكىنات دائىرىسىدىكى ئىشتۇر. يەنە ئۇلارغا جاۋابەن مۇنداق دېيىشكە بولىدۇ: «تەننىڭ چىرىپ پۈتۈنلەي يوقىلىپ كېتىشىگە دەلىل يوق. بەلكى تۇپراقتەك باشقا ماددىغا ئايلىنىپ كېتىدۇ. نەتىجىدە تامامەن يوقالماي تەننىڭ سۈرىتى ۋە ماددىسى باشقا سۈرەتكە ۋە ماددىغا ئالمىشىدۇ. يوقالمايدىغان ۋە ئالماشمايدىغان كىچىك بىر جەۋھەر قالىدۇ». (بۇ جەۋھەرنى ئاخىرىدا بايان قىلىمىز). ۋەلھاسىل پەيلاسوپلارنىڭ: «تەننى قايتا پەيدا قىلىش مۇھال» دېگەن سۆزى «قايتا تىرىلدۈرۈش بار قىلىشتىن پەرقلىق بولمايدۇ» دېيىش بىلەن غۇلاپ چۈشكىنىدەك، «تەن يوقىلىدۇ» دېگەن سۆزىمۇ ھەقىقەتكە زىت كېلىدۇ.

تەننىڭ قايتا تىرىلدۈرۈلىدىغانلىقى ئىسلامدا سابىت ئەقىدە بولغانلىقتىن، ئەھلىسۈننەت: «بۇ ئەقىدەنىڭ ئىسپاتلىنىشى ئايەت ۋە ھەدىسلەردىن ئىبارەت ‹سەمئىي دەلىل›(10)لەر بىلەن بولىدۇ» دەپ قارىسا، مۇئتەزىلەلەر: «ئەقىل بىلەن» دەپ قارىغان(11).

قارايدىغان بولساق، ئاخىرەتتە تەننىڭ قايتا تىرىلدۈرۈلىدىغانلىقىنى ئېنىق ئىپادىلىگەن ئايەت ۋە ھەدىسلەر كۆپتۇر. مەسىلەن:

﴿ئۇ بىزگە ئىنساننىڭ قايتا تىرىلدۈرۈلۈشىنى يىراق ساناپ، (چىرىگەن سۆڭەكلەرنى) مىسال قىلىپ كۆرسەتتى. ئۆزىنىڭ يارىتىلغانلىقىنى بولسا ئۇنتۇدى، ئۇ: «چىرىپ كەتكەن سۆڭەكلەرنى كىم تىرىلدۈرەلەيدۇ؟» دېدى. ئېيتقىنكى: «ئۇنى ئەڭ دەسلەپتە ياراتقان زات تىرىلدۈرىدۇ، ئۇ ھەر بىر مەخلۇقنى بىلگۈچىدۇر»﴾(36/«ياسىن»: 78، 79). مۇبادا قايتا تىرىلدۈرۈلۈش روھ بىلەنلا بولىدىغان بولسا، سۆڭەكلەرنى تىرىلدۈرۈشتە مۇنازىرە قىلىشنىڭ نېمە پايدىسى؟!

﴿قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇلارنى (ھېساب ئېلىش ئۈچۈن) يىغىدۇ، (ئۇلارغا دۇنيادا تۇرغان مۇددىتى) كۈندۈزدە ئازغىنا ۋاقىت تۇرغاندەك قىسقا بىلىنىدۇ، ئۇلار ئۆزئارا تونۇشىدۇ، ئۆزلىرىنىڭ ئاللاھقا مۇلاقات بولۇشىنى (يەنى ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشىنى) ئىنكار قىلغانلار چوقۇم زىيان تارتىدۇ، ئۇلار توغرا يول تاپمىدى﴾(10/«يۇنۇس»: 45). ئەلبەتتە، ئۆزئارا دۇنيادا بىلىدىغان چىراي شەكلى ئارقىلىق تونۇشىدۇ.

Комментарии

Информация по комментариям в разработке